نەشىر ھوقۇقى باياناتى, ئېلكىتاب تورى

نەشىر ھوقۇقى باياناتى

1. ئېلكىتاب تورى – تور دۇنياسىدا تارقىتىلغان ھەر خىل ژانىردىكى ئېلكىتاب، ئەپ ھۆججەتلىرىنى توپلاش، چۈشەندۈرۈش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن خالىس قۇرۇلغان بىر تور بېكەت بولۇپ، تور بېكەت بېكىتىمىزدە يوللانغان كىتابلار ئارقىلىق ئىقتىسادىي كىرىم ياراتمايدۇ؛ شۇنداقلا، تور بېكەت ھېچقانداق ئورگان، جەمئىيەتلەرگە مەنسۇپ ئەمەس بولۇپ، ھېچقانداق ئورۇنلاردىن ئىقتىسادىي ياردەم قوبۇل قىلمايدۇ؛ توربېكەتنىڭ بارلىق چىقىملىرى مەسىلەن تور نامى، بوشلۇق، ئاسراش مۇلازىمەتلىرىگە مۇناسىۋەتلىك چىقىملارنىڭ ھەممىسى شەخسى كىرىمدىن، شەخىسلەرنىڭ ئىئانىسىدىن ياكى گۇگېل ئېلانىدىن ئاتچوت قىلىنىدۇ؛

2. ئېلكىتاب تورىدىكى ھۆججەتلەرنىڭ ھەممىسى تور دۇنياسىدىن بىر-بىرلەپ توپلانغان بولۇپ، ئېلكىتاب تورى نەشىر ھوقۇقى مەۋجۇت ئەھۋالدا ئۆزى ئېلكىتاب سىكاننىرلاش، قايتىدىن تەييارلاش ۋە ياكى باشقا ھەرقانداق ئۇسۇل ئارقىلىق ئېلكىتاب ياساپ تارقاتمايدۇ ۋە ياكى ياساشقا ئورۇنلاشتۇرمايدۇ؛

3. ئېلكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنغان ھەرقانداق ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقى- مەزكۇر ئەسەرنىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ساھىب ئەسلى ئورگانغا ۋە ياكى ئەسلى شەخىسكە تەۋە بولۇپ، توربېكەتتە بۇ ئەسەرلەر پەقەت شەخسىي پايدىلىنىش(مەسىلەن ئۆگىنىش، ئىلمىي تەتقىقات ئۈچۈن پايدىلىنىش)  ئۈچۈن قۇيۇلدى. ھەر قانداق شەخىس ۋە ئورگاننىڭ نەشىر ھوقۇقىغا ساھىب ئورگان ياكى شەخىسنىڭ رۇخسىتىسىز ئەسەرلەرنى تىجارىي مەقسەت ئۈچۈن قوللىنىشى(ئۆرنەك: قايتا نەشىر قىلىپ چىقىرىپ پايدا ئېلىش) بىردەك چەكلىنىدۇ ۋە بۇ سەۋەبلىك كېلىپ چىققان ھەر قانداق قانۇنىي جاۋابكارلىقنى ئېلكىتاب تورى ئۆز ئۈستىگە ئالمايدۇ؛

4. ئېلكىتاب تورىدا ئېلان قىلىنغان ھەر قانداق ئەسەرنى تور بېكىتىمىزدە مەۋجۇد بولۇپ تۇرۇشىنى خالىمىغان نەشىر ھوقۇقى ساھىبلىرى مەزكۇر ئەسەرگە بولغان نەشىر ھوقۇقىنى ئىسپاتلايدىغان مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلسا شۇ ئەسەرنى تور بېكەتتىن 24 سائەت ئىچىدە چىقىرىپ تاشلايمىز؛

5. ئېلكىتاب تورىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى – ۋەتىنىمىزدىكى چەكلىك پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشىر ئەركىنلىكى تۈپەيلىدىن چەكلەنگەن، قايتا بېسىلمىغان، ئۆزگەرتىلگەن، قىيىلغان ۋە ياكى ئېرىشىش قېيىنغا چۈشكەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى ئەبەدىيلەشتۈرۈش بولۇپ، ناۋادا ئوقۇرمەنلەرنىڭ قولىدا مۇشۇنداق ئەسەرلەر بولسا، ئوقۇرمەنلەرنىڭ بېكەت ئاستىدىكى ئالاقە ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلىپ بۇ خىل ئەسەرلەرنى بىز بىلەن ئورتاقلىشىشىنى ئۈمىد قىلىمىز؛

6. ئېلكىتاب تورىمىز ئوقۇرمەنلەردىن ئېلكىتابلارنى پەقەت ئۆگىنىش ۋە شەخسىي ئىھتىياج ئۈچۈن قوللىنىشىنى ئەسكەرتىدۇ شۇنداقلا ھېلىھەم نەشىر قىلىنىۋاتقان ۋە ياكى نەشىر ھوقۇقى مەۋجۇت كىتابلارنىڭ ئېلكىتابلىرىنى تارقاتماسلىققا ئۈندەيدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، ئاپتور ئەمگىكىنىڭ ھۈرمىتى ۋە نەشرىياتچىلىقنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن ئەسەرلەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى سېتىۋېلىشىنى تەۋسىيە قىلىدۇ.

7. ئېلكىتاب تورى توربېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەۋقەسىگە؛ ئاپتورنىڭ كىملىكى، دىنىي ئىتىقادى، دۇنيا قارىشى، سىياسىي قارىشى دېگەندەك شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە مەسئۇل بولمايدۇ ھەمدە مەزمۇن ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، مۇنازىرىلەردە مۇتلەق بىتەرەپ تۇرىدۇ.