2020.03.01

ئېلكىتاب تورى كۈندىلىك خاتىرە بېتى ئېچىلدى، مەزكۇر بەتتە ئېلكىتاب تورىغا ئائىت بىر قىسىم يېڭىلىقلار، باشقۇرغۇچىنىڭ ئوي-پىكىرلىرى، شۇنداقلا بىر قىسىم چوڭ ۋەقەلىكلەر خاتىرلىنىدۇ.

2020.03.13

ئېلكىتاب تورى «ئۇيغۇر پروجېكت فوندى»نىڭ 6000 دوللارلىق ياردىمىگە ئېرىشتى، بۇ ياردەم ئېلكىتاب تورىنىڭ بىر يىللىق مۇلازىمىتېر ۋە تور نامى ھەققى، شۇنداقلا پىدائىيلارنىڭ ئىش ھەققىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئېلكىتاب تورىنىڭ ئاكتىپ ۋە پائال يېڭىلىنىشىغا ياردەمدە بولغۇسى.

2020.03.17

ئېلكىتاب تورىغا يوللىنىدىغان كىتابلارنىڭ مۇقاۋا سۈرىتىنى ھاسىللاش خىزمىتىنى ئاسانلاشتۇرۇش ۋە تىزلەشتۈرۈش ئۈچۈن، تاللانغان ئېلكىتابلارنىڭ تۇنجى بېتىنى رەسىم قىلىپ كېسىپ چىقىرىپ بېرىدىغان Nodejs + Express  پروگراممىسى «PDFtoIMG» ئوچۇق كود قىلىپ ئېلان قىلىندى. چۈشۈرۈش ئادرېسى: https://github.com/uyghurbeg/PDFtoIMG 

2020.03.30

پروگراممېرلىقتىكى مۇھىم خىزمەتلەرنىڭ بىرى قايتىلىنىدىغان ئەمگەكنى ئاپتوماتلاشتۇرۇش ياكى ئاسانلاشتۇرۇش. ئالدىنقى قېتىم ئېلكىتاب ھۆججىتىنى تاللاپ بەرسە تۇنجى بەتنى مۇقاۋا قىلىپ كىسىپ چىقىرىپ بېرىدىغان پروگرامما ياسىغانتىم(شۇنىڭ بىلەن ھەر قېتىمدا ئەڭ ئاز 3 مىنۇت مۇقاۋا رەسىمنى كېسىدىغان ۋاقىت تىجىلىدۇ)، بۇ قېتىم ئەمدى مۇقاۋىسى يوق ئېلكىتابلارغا ماۋزۇ كىرگۈزۈپ بەرسە رەسىم ھاسىل قىلىپ بېرىدىغان يەنە بىر نەسە ياساپ قويدۇم، بۇنىڭدىمۇ بەش مىنۇت تىجىلىدۇ، قىزىققانلار تۆۋەندىكى ئادرېسغا كىرىپ سىناق ماۋزۇ كىرگۈزۈپ باقسا بولىدۇ:

https://elkitab.org/color/

2020.03.31

زىيارەت ۋە ئىزدەش خاتىرىسىدىن مەلۇمكى، نۇرغۇن زىيارەتچىلەر «ئېلكىتاپ» دەپ ئىزدەپ توربېكىتىمىزنى زىيارەت قىلىشقا تىرىشقان، بۇ سەۋەبدىن ئېلكىتاب تورى زىيارەتچىلىرىگە قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن www.elkitap.org تورنامىنىمۇ سېتىۋالدۇق، بۇنىڭدىن كېيىن تور بېكىتىمىزنى www.elkitap.org ياكى www.elkitab.org ئىككى تور نامىنىڭ ھەر قاندىقى بىلەن زىيارەت قىلىشقا بولىدۇ.

2020.04.05

ئېلكىتاب تورىنىڭ باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇپ، ھەر بىر كىتابنىڭ ئۇچۇرىنى تولدۇرىدىغان ۋاقىتنى ئازايتىش ئۈچۈن بۈگۈن يەنە ئازراق ئەجىر قىلىپ، بۇرۇن قولدا تولدۇرىدىغان مەزمۇنلارنى ئاپتوماتىك ھالدا تاللانغان سەھىپىلەردىن چىقىرىدىغان قىلىپ قويدۇم، شۇنداق بولغاندا رەسىمدىكى ئۇچۇرلار ئاپتوماتىك ھالدا ھاسىل بولىدۇ شۇنداقلا بىرى ئىملا خاتالىقىدىن ساقلىنىدۇ، شۇنداقلا ئاپتور، نەشرىيات ۋە تۈرلەرنى باسسا شۇ ئۇچۇرلارغا ئائىت باشقا كىتابلارنىمۇ كۆرسىتىپ بېرىدۇ، ئەڭ مۇھىمى (ۋاقىت دوللاردىن قىممەت) ئەڭ كام دېگەندە بەش مىنۇت ئۇچۇر تولدۇرىدىغان ۋاقىت تىجىلىدۇ.

ئېلكىتابنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى, ئېلكىتاب تورى

2020.04.19

ئېلكىتاب تورى تۋېتتېر ھېساۋاتى ۋە فەيىسبۇك بېتى ئېچىلدى. بۈگۈندىن ئىتىبارەن ئېلكىتاب تورىغا يوللانغان كىتابلار ئاپتوماتىك ھالدا ئېلكىتاب تورى تۋېتتېر ھېساۋاتى ۋە فەيىسبۇك بېتى ماس قەدەملىك يوللانغۇسى.

2020.04.20

ئېلكىتاب تورىغا «پىلاندىكى كىتابلار» بېتى قوشۇلدى، مەزكۇر بەتتە ھازىرچە يوللىنىش ئالدىدا تۇرغان كىتابلار، كېيىنچە ئەزالار يوللاپ تەستىقلىنىشنى كۈتىۋاتقان كىتابلارنىڭ تىزىملىكى كۆرسىتىلىپ بېرىدۇ، بۇ ئارقىلىق ئېلكىتاب تورى زىيارەتچىلىرى پات يېقىندا ئېلكىتاب تورىغا يوللانماقچى بولغان كىتابلاردىن بالدۇر خەۋەر ئالالايدۇ.

2020.05.13

ئېلكىتاب تورى تەرىپىدىن سكاننىرلاپ تارقىتىلغان ياكى ئاپتورلارنىڭ تەلىپى بۇيىچە ئېلكىتاب تورىدا تۇنجى بولۇپ تارقىتىلغان ئېلكىتابلارنىڭ ماۋزۇسىغا پەرقلەندۈرگۈچ بەلگە قوشۇلدى ۋە «ئېلكىتابدا تارقىتىلغانلار» نامدا ئايرىم سەھىپە ئېچىلدى.

ئېلكىتابنىڭ كۈندىلىك خاتىرىسى, ئېلكىتاب تورى

2020.08.14

ئېلكىتاب تورىغا يېڭىدىن ئىككى لوگو ياسالدى، كونا لوگو بىلەن جەمئىي ئۈچ لوگو بەت يېڭىلىغاندا ئاپتوماتىك ئالمىشىدىغان قىلىپ تەڭشەلدى:

 

2021.01.25

ئېلكىتاب تورى ئۈچۈن ياسىغان WordPress يېزىق ئالماشتۇرۇش قىستۇرمىسىنى ئاشكارا تارقىتىلدى. بۇ قىستۇرما تور كۆرگۈچ تەرەپتە يېزىق ئالماشتۇرىدىغان بولغاچقا، ئەسلىدىكى مۇلازىمىتىر تەرەپتە ئ‍ىجرا بولىدىغان قىستۇرمىغا قارىغاندا سۈرئىتى دەھشەت تىز، ئۇنىڭدىن باشقا قىستۇرمىنى بىۋاستە ئارقا سۇپىدىن قاچىلاپ ئىشلەتكىلى بولىدۇ.

قىستۇرما github ئادرېسى ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلى :
https://github.com/uyghurbeg/wp-uighur-uls

كۆرۈش ئادرېسى(ئېلكىتاب تورىغا كىرىپ تىزىملىكنى چېكىڭ):
https://elkitab.org/

قىستۇرما چۈشۈرۈش ئادرېسى:
https://github.com/uyghurbeg/wp-uighur-uls/releases/tag/v1.0.1

.zip ھۆججىتىنى چۈشۈرۈش قاچىلاڭ.

2021.06.14

ئېلكىتاب تورى زىيارەتچىلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرۇش ۋە زىيارەتچىلەرنىڭ زىيارەت ئەھۋالىنى بىلىپ تۇرۇش ئۈچۈن، Google Analytics, Hotjar قاتارلىق ئىستاتىستىكا مۇلازىمەتلىرى ئىشلىتىلدى ۋە سۆز قالدۇرۇش دەپتىرى بېتى(https://elkitab.org/soz_qaldurush_deptiri/) ئېچىۋېتىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا مەخپىيەتلىك تەڭشىكى كۆزنىكى، تەكلىپ-پىكىر بېرىش كۆزنىكى قاتارلىق كۆزنەكلەر قۇشۇلدى، ئېلكىتاب چۈشۈرۈش بېتى ئاددىيلاشتۇرۇلدى ۋە نەشىر ھوقۇقى باياناتى بۆلۈمى چىقىرىۋېتىلدى.

2021.12.1

AJAX لىق ئىزدەش ئىقتىدارى قوشۇلدى، ئىزدەش كۆزنىكىدە نەتىجە بېتىگە بارماستىن ئىزدىمەكچى بولغان ئېلكىتابلارنىڭ ئىزدەش نەتىجىسىنى ئالدىن كۆرگىلى بولىدۇ.