بېكەت ھەققىدە, ئېلكىتاب تورى

ئېلكىتاب تورى – تور دۇنياسىدا تارقىتىلغان ھەر خىل ژانىردىكى ئۇيغۇرچە ئېلكىتاب، ئەپ ھۆججەتلىرىنى توپلاش، چۈشەندۈرۈش ۋە پايدىلىنىش ئۈچۈن خالىس قۇرۇلغان بىر تور بېكەت بولۇپ،  ئېلكىتاب تورىنىڭ قۇرۇلۇش نىشانى – ۋەتىنىمىزدىكى چەكلىك پىكىر ئەركىنلىكى ۋە نەشىر ئەركىنلىكى تۈپەيلىدىن چەكلەنگەن، قايتا بېسىلمىغان، ئۆزگەرتىلگەن، قىيىلغان ۋە ياكى ئېرىشىش قېيىنغا چۈشكەن قىممەتلىك ئەسەرلەرنى، شۇنداقلا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ خالىس تارقاتقان ئەمگەكلىرىنى ئېلىكترونلاشتۇرۇش، ئەبەدىيلەشتۈرۈشتۇر.

نۆۋەتتە قولىمىزدا 3000 پارچىدىن ئارتۇق ھەرخىل تىل، ھەرخىل ژانىر، ھەر خىل فورماتتىكى ئېلكىتاب ھۆججەتلىرى مەۋجۇت بولۇپ، بۇ كىتابلارنى باشقۇرغۇچىلىرىمىز ئۆزىنىڭ ئۆگىنىش ۋە خىزمەتتىن سىرتقى ۋاقىتلىرىدىكى قىممەتلىك ۋاقىتلىرىدىن ئاجرىتىپ توربېكەتكە يوللاشماقتا. نۆۋەتتىكى پىلانىمىزدا كەلگۈسى ئالتە ئايدا قولىمىزدىكى مۇشۇ ئەسەرلەردىن مۇھىملىرىنى تاللاپ تەخمىنەن 2000 پارچە ئېلكىتابنى توربېكىتىمىزگە يوللاپ بولۇشنى ئويلاشتۇق، بۇنىڭغىچە تورداشلارنىڭ توربېكىتىمىزنى پات-پات يوقلاپ ۋە ھەرقايسى مېدىيا ۋاستىلىرىدە تارقىتىشىپ بىزگە رىغبەت ۋە مەدەت بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئۇنىڭدىن باشقا، قولىڭىزدا مەۋجۇت بولغان توربېكىتىمىزدە ئېلان قىلمىغان ئەسەرلىرىڭىز بولسا بىز بىلەن ھەمبەھىرلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمىز.

ئىجتىمائىي ئالاقە ھېساۋاتى:

فەيىسبۇك ئادرېسى:

@elkitab.org

تۋىتتېر ئادرېسى:

@ElkitabO

بېكەت تۇغى:
بېكەت ھەققىدە, ئېلكىتاب تورى

ئاممىۋى تاراتقۇ باش سۈرەت رەسىمى:

بېكەت ھەققىدە, ئېلكىتاب تورى

فەيىسبۇك تام رەسىمى:

بېكەت ھەققىدە, ئېلكىتاب تورى

تۋىتتېر تام رەسىمى:

بېكەت ھەققىدە, ئېلكىتاب تورى