كۆپ سورالغان سۇئاللار, ئېلكىتاب تورى

FAQs

ناۋادا قولىڭىزدا مەزكۇر تور بېكەتتە تېخى ئېلان قىلىنمىغان، پايدىلىق ئېلكىتابلار بولسا، شۇنداقلا خالىس ھالدا تور بېكەتكە يوللاپ بېرىشنى ئۈمىد قىلسىڭىز، تۆۋەندىكى ئېلخەت ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقە قىلىڭ: [email protected]
ياقتۇرغان ئېلكىتابىڭىزنى چۈشۈرۈش ئۈچۈن، شۇ ئېلكىتاب بار ئۇلىنىشنى چىكىڭ، ئاندىن ئۇلىنىش ئېچىلغاندىن كېيىن، كىتاب چۈشەندۈرۈشىنىڭ ئاستىدىكى «كىتابنى چۈشۈرۈڭ» دېگەن كۆزنەكنىڭ ئاستىغا قاراڭ، ئۇ يەردە كىتابنىڭ ماۋزۇسى ياكى «بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ» دېگەندەك مەزمۇنلار بار، شۇ ئۇلىنىشلارنىڭ خالىغان بىرىنى چىكىڭ ياكى ئۇلىنىشلارنىڭ ئۈستىگە مائۇسنى ئەپكېلىپ «ھۆججەتنى چۈشۈرۈش» دېگەن خەتنى بېسىپ چۈشەرسىڭىز بولىدۇ.
تور بېكىتىمىزنىڭ ئاساسلىق يېزىقى ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى بولۇپ، ناۋادا بۇ يېزىقنى ئوقۇيالمىسىڭىز ھېچۋەقەسى يوق، توربېكىتىمىز يەنە ئۇيغۇر لاتىن يېزىقى(ULY)، ئۇيغۇر كىرىل يېزىقى(USY) ۋە ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقى(UEY) ئارىسىدا ئۆز-ئارا ئالمىشىشنى قوللايدىغان بولۇپ، بەت ئۈستىدىكى تىزىملىكدىن ئۆزىڭىز ئوقۇيالايدىغان يېزىقنى تاللاپ ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ.
ناۋادا تور بېكەتنى بىرمۇ-بىر ئاقتۇرۇپ كىتابلارنى تاپالمىسىڭىز، يان بۆلەكدىكى ياكى بەت ئۈستىدىكى ئىزدەش كۆزنىكىگە كىتابنىڭ ئىسمىنى يېزىپ ئىزدەپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ، ۋە ياكى يان بۆلەكدىكى تىل، نەشرىيات ۋە ئاپتورلارنىڭ تىزىملىكىدىن مۇناسىۋەتلىك ئاپتورلارنى ئىزدەپ تېپىپ باقسىڭىزمۇ بولىدۇ.
سىز ئىزدىگەن كىتابنىڭ تېپىلماسلىقىدا تۆۋەندىكىدەك ئامىللار بولۇشى مۇمكىن:
  1.  1. ئىزدەشكە ئىشلىتىلگەن سۆزنىڭ ئىملاسىدا خاتالىق بار؛
  2. 2. كىتاب بېكەتكە يوللانمىغان.
ئېلكىتاب تورى ھەر زامان بىر پىدائىي باشقۇرغۇچى قوبۇل قىلىدۇ، ئەمما باشقۇرغۇچى كاندىداتىغا تۆۋەندىدەك شەرتلەر قويۇلىدۇ:
  1. 1. توربېكەت باشقۇرۇش تەجرىبىسى، بولۇپمۇ Wordpress سۇپىسىدىكى بېكەتلەرنى باشقۇرۇپ باققان بولۇشى كېرەك؛
  2. 2. ئۇيغۇر ئەرەب يېزىقىدا ئۆلچەملىك، ئىملا خاتالىقى ئاساسەن يوق ھالدا خەت ئۇرالىشى كېرەك؛
يۇقارقى ئىككى شەرتنى ھازىرلىغان ھەرقانداق تورداش تۆۋەندىكى ئېلخەت ئارقىلىق بېكەت باشلىقى بىلەن بىۋاستە ئالاقە قىلىڭ: [email protected]
نورمالدا بىز سىز ئەۋەتكەن ئېلخەتنى تاپشۇرۇپلا ئالساق، 48 سائەت ئ‍ىچىگە سىزگە جاۋاب ئېلخەت قايتۇرىمىز. ناۋادا بۇ مۆھلەت ئىچىدە سىز جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالمىغان بولسىڭىز، بەلكىم بىزگە خېتىڭىز تەگمىگەن بولۇشى مۇمكىن. ناۋادا، جاۋاب خەت تاپشۇرۇپ ئالغان بولسىڭىز، تۆۋەندىكىدەك ئىھتىماللىق بار:
  1. 1. كىتابنى يوللاش پىلانىغا قوشۇلدى، بۇ ئەھۋالدا كىتابنى يېقىنقى مەزگىلدە توربېكەتكە يوللاپ بېرىمىز.
  2. 2. سىز ئەۋەتكەن كىتاب توربېكىتىمىزگە بۇرۇن قۇيۇلۇپ بولغان، شۇڭلاشقا قايتا يوللىنىلمىدى.
  3. 3. سىز ئەۋەتكەن كىتاب ئۆلچەملىك ئەمەس، يەنى تور بېكىتىمىزنىڭ ئېلكىتاب يوللاش پىرىنسىپىغا چۈشمىگەن بولۇپ، توربېكەتكە يوللىنىشدىن شاللىنىپ كەتكەن.
توربېكىتىمىزنىڭ بەت ئۈستى ۋە بەت ئاستىدىكى تىزىملىكلەردە «تەلەي ساندۇقى»دېگەن كونۇپكا بار بولۇپ، بۇ كونۇپكىنى باسسىڭىز توربېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان كىتابلارنىڭ خالىغان بىرسى ئېچىلىدۇ.
ئېلكىتاب تورى توربېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغان قىلىنغان ئەسەرلەرنىڭ مەزمۇنى ۋە مەۋقەسىگە؛ ئاپتورنىڭ كىملىكى، دىنىي ئىتىقادى، دۇنيا قارىشى، سىياسىي قارىشى دېگەندەك شەخسىي ئارقا كۆرۈنۈشىگە مەسئۇل بولمايدۇ ھەمدە مەزمۇن ھەققىدە ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدىكى تالاش-تارتىش، مۇنازىرىلەردە دېموكراتىك پىرىنسىپلار بۇيىچە مۇتلەق بىتەرەپ تۇرىدۇ. شۇڭلاشقا، شەخسىي كۆز قارىشىڭىزغا قوشۇلمىغان مەزمۇنلارنى يۇيۇۋېتىش بىزنىڭ ئىشىمىز ئ‍ەمەس.