ئۇيغۇر مىللىتى: رۇسىيە-خىتاي چىگراسىدىكى ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب

كىتاب تەپسىلاتى

كىتاب نامى ئۇيغۇر مىللىتى: رۇسىيە-خىتاي چىگراسىدىكى ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب
ئاپتور/تەرجىمان
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
نەشرىيات نەشرىياتى نامەلۇم/يوق ياكى تور نەشرى
كىتاب تۈرى تارىخىي ئەسەرلەر
ۋاقىت 2020/05/12
چۈشۈرۈلۈشى 3,213 قېتىم
باشقۇرغۇچى choghluq
مۇقاۋا كىتاب مۇقاۋىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى چىكىڭ



ئۇيغۇر مىللىتى: رۇسىيە-خىتاي چىگراسىدىكى ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب

كىتابنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

 

«ئۇيغۇر مىللىتى: رۇسىيە-خىتاي چىگراسىدىكى ئىسلاھات ۋە ئىنقىلاب»غا تەرجىماندىن كىرىش سۆز:

 

«ئۇيغۇر مىللىتى» دېگەن بۇ كىتاپنىڭ تەرجىمىسىنى كانىدەك يېپىشىپ جاھىلانە بىر ئىشتىياق بىلەن تۈگەتتىم. كىتاپنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى داۋا، تەتقىقات ۋە تۇرمۇش بىلەن ئالدىراش ئىشلەۋاتقان 2018-يىلىنىڭ ئاخىرى ھاياتىمنىڭ قاتىلاڭ چاغلىرىدا قولدىن چىقاردىم. چۈنكى كىتاپتا ئۇيغۇرلار بىلمىسە بولمايدىغان، بولۇپمۇ مۇشۇ پاجىئەلىك كۈنلەردە بىلىشى كېرەك بولغان تارىخ، قىسمىتىمىزگە سەۋەپ بولغان دۇنياۋىي موھىت ھەققىدە تەھلىللەر، پاجىئەلىك ھادېسىلەردىن چىقىرىلغان ئاجايىپ قىممەتلىك پىكىرلەر، مۇلاھىزىلەر بار ئىدى.

كىتاپ روس، خىتاي، ئېنگىلىز، ئۇيغۇر ۋە تۈرك تىللىرىدىكى مەنبەلەرنى ئاساس قىلىپ يېزىلغانلىقى ئۈچۈن ئۇچۇر مەنبەسى ھەقىقەتەن مول ئىدى. بولۇپمۇ روس تىلىدا يېزىلغان ئاتالغۇ ۋە سۆزلەرنى ئۆرۈش مەندەك روسچە بىلمەيدىغان ئادەمگە قىيىن ئىدى. كىتاپ ئۇيغۇرنىڭ تەقدىرىنى خىتاي، ئوسمان ۋە رۇس ئىمپىرىيەلىرىنىڭ زىددىيەتلىرى ئىچىگە قويۇپ بايان قىلغانلىقى ئۈچۈن مۇرەككەپ مۇھاكىمە ۋە تەھلىللەر بىلەن بىزەلگەن ئىدى. شۇڭا ھەر قانچە كۈچىسەممۇ ئېنگىلىزچە مەنە بىلەن ئۇيغۇرچە تەجىمەم بويىلىشالماي قالاتتى. ئۆزۈمنىڭ ئۇيغۇرچە گېپى ئۆزۈمگە يارىماي قالاتتى.

تەرجىمە مەندەك دوراشقا ئۆچ، ئەينەن تەكرارلاپ دەيدىغان گەپلەردىن ئاسانلا زېرىكىپ قالىدىغان ئادەمنىڭ قىلىدىغان ئىشى ئەمەس ئىكەن، دېگەن ئويغا كېلىپ ۋاز كەچكىدەك بولۇپ كەتكەنمۇ بولدۇم. ئاخىرىدا بىر چارە تاپتىم. ئېنگىلىزچە كىتاپنى ئۇيغۇرچىلاپ ئايالىم ۋە ئىنى ئاغىنەم قۇربانجانغا ئوقۇپ بەردىم. ئۇلارنىڭ چىرايدىن دەرھال بىر مەمنۇنلۇق، ھەيرانلىق ۋە ياكى ئېچىنغانلىق ئەكىس ئەتسە تەرجىمەمگە جەزىم قىلدىم، ئۇلار بىر ئاڭقىرالمىسا راۋان بولمىغانلىقىنى ھىس قىلىپ قايتا تەرجىمە قىلىدىم. نەتىجىدە بىر مەزگىلدىن كېيىن كىتاپتىكى ياغاچتەك ھاكاۋۇر يات ئېنگىلىزچە سۆزلەر پىلىكتەك يۇمشاپ ئانا تىلىمغا باش ئەگدى.

مەن بۇ كىتاپنى ئۇيغۇر تارىخىدا بەرھەق دەپ قوبۇل قىلىنغان بەزى قاراشلارنى تارىخى ئىسپاتلار بىلەن رەت قىلغانلىقىنى كۆردۈم. مەسىلەن، كىتاپتا ئىسپاتلىنىشىچە بىز ئۇيغۇرلۇق كىملىكىمىزنى قانداقتۇر بىرەر روس تىلشۇناس ياكى سىياسەتچىلىرىنىڭ شاپائىتىدە قۇرۇپ چىققان ئەمەس، بەلكى زامانىۋىيلىققا يۈزلەنگەن ئۇيغۇر كومۇنىستلار ۋە جەدىتچىلىك ھەرىكتى تەشەببۇسكارلىرىنىڭ تىرىشچانلىقى جەريانىدا بايقاپ تىرىلدۈرگەن.

مەن بۇ كىتاپتىن ئۇيغۇرلۇقىمىزنىڭ تارىخىتا ھەر خىل ئىسىملارنىڭ قېتىغا مۆكۈنۈپ قالغانلىقىنى بىلىۋالدىم. ئۇيغۇر كىملىكى تارىمدىكى بوستانلىقلارۋە تەڭرىتاغنىڭ ئىككى قانىتىدا ئىزچىل كۈچلۈك مەۋجۇت بولۇپ تۇرغان بولۇپ ھىچ قاچان پۈتۈنلەي ئۆچۈپ كەتكەن ئەمەس، پەقەت «يەرلىك، مۇسۇلمان، ئالتە شەھەرلىك، تارانچى» دېگەن ناملارنىڭ ئىچىگە يوشۇرۇنغان.

2013-يىلى تۈركىي مىللەتلەرنىڭ ئۆلۈم يۇسۇنلىرىنى تەتقىق قىلىدىغان بىر تۈرك دوكتۇر مەندىن «باشقا تۈركى مىللەتلەردە ئۆلۈمدە قارا كىيىدۇ، نېمىشقا ئۇيغۇردا ئەرلەر ئاق باغلايدۇ، ئاياللار ئاق رومال سالىدۇ؟» دەپ سورىغاندا جاۋاپ بېرەلمىگەن ئىدىم. بۇ كىتاپنى ئوقۇپ جاۋابىنى تاپتىم.

مەن ئۇيغۇر توپراقلىرىغا ۋاھابىيلىقنى 90-يىللاردا كىرگەن دەپ قارايتتىم، كىتاپتىن بۇ قاراشلارنىڭ خاتا بولۇپ قالغانلىقىنى بىلىۋالدىم. شامى داموللام شۇ يۈز يىل بۇرۇن ئارىمىزدا بۇ مايسىنى كۆچۈرۈپ قەشقەردە ئۆستۈرۈشكە كىرىشكەن ئىكەن.

كىشىلىرىمىزنىڭ 90-يىللاردا ئەرەبىستاندىن كەلگەن، كېيىنچە پاكىستاندىن ئېقىپ كېلىپ يۇرتىمىزدا پەيدا بولغان، 2000-يىللاردا تۈركىيەدىن كەلگەن كىشىلەرنىڭ ئاغزىدىكى «ماشائاللاھ، ئىنشائاللاھ» دېگەن مۇبارەك سۆزلەرگە ئالدىنىپ كەتكەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم. بۇ يېڭىلىق ئەمەس ئىكەن. 1900-يىللارنىڭ باشلىرىدا ئەرەبىستاندىن ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن بىر قىسىم ئاتالمىش «پەيغەمبەر ئەۋلاتلىرى» دېيىلگەنلەرنىڭ بىزنىڭ ياركەنت، كۇچالاردا ئالدامچىلىق قىلىپ يۈرگەن ئىكەن. بۇنى ئوقۇپ تارىختىن ئىبرەت ئالمىغان كىشىلەرنىڭ تارىخى خاتالىقلارنى قايتا قايتا سادىر قىلىدىغانلىقىغا ئىشەندىم.

كىتاپتىن ئوسمان ئىمپىرىيەسىنىڭ چىڭ ئىمپىرىيەسى بىلەن بىرلىشىپ غەرپكە تاقابىل تۇرۇش پىلانىدىن تاكى چىڭ ئىمپرىيەسى پۈتۈنلەي خاراپلاشقىچە قانداق ۋاز كەچمىگەنلىكىنى ئۆگەندىم. سۆيۈملۈك ئۇيغۇرلارنىڭ ئەكسىنچە ئوسمان ئىمپىريەسى ئۈچۈن سەرلەپ ئالتۇن يوللاپ، جانلىرىنى پىدا قىلىپ ئالدىنقى سەپكە قانداق ئاتلانغانلىقىنى ئوقۇدۇم.

كىتاپتا بۈگۈنكى بىزنىڭ چۈشەنچىمىزدىن پەرقلىق ھالدا خەلقىمىزنىڭ يۈز يىل بۇرۇنقى چۈشەنچىلىرىنىڭ ئۇچۇلىرى بار. بۇندىن يۈز يىل بۇرۇنغا قايتساق خەلقىمىزنىڭ «مۇسۇلمان» دېگىنى ئۇيغۇر دېگىنى ئىكەن. كۇپپار دېگىنى زالىم، خىتاي، قاباھەتچى مەلئۇن دېگەنلىك ئىكەن. ئۇلارنىڭ «قەشقەرلىك» دېگىنى شەرقى تۈركىستاننىڭ جەنۇبىنى كۆرسىتىدىكەن.  «تارانچى» دېگەنلىك ۋەتەننىڭ شىمالىدا بولۇپمۇ ئىلى ۋادىسىدا ياشايدىغان، ھەمدە شۇ دىياردىن ئوتتۇرا ئاسىياغا كۆچۈرۈلگەن ئۇيغۇرنى كۆرسىتىدىكەن.

كىتاپنىڭ ئىسمى ئۇيغۇر نەيشىن بولۇپ بۇ يەردىكى نەيشىن ئۇيغۇر تىلىدىكى ئەسلى مىللەت دېگەن سۆزنىڭ ئۆزى ئىدى. ئۇيغۇر تىلىدا مىللەت دېگەن بۇ سۆز ھەم دۆلەت ھەم دۆلەت تەۋەلىكى، دۆلەتلىك دېگەن مەنىنى بىدۈرەتتى. شۇ سەۋەپتىن 1933 ۋە 1944-يىلى قۇرۇلغان قۇرۇلغان دۆلەت ئارمىيەمىز مىللى ئارمىيە دېيىلگەن ئىدى. ئۇ چاغدا دۆلەت مەنپەئەتى مىللىي مەنپەئەت دېيىلەتتى. ئەمما بۈگۈن ئۇيغۇرچە مىللەت سۆزىنىڭ دۆلەت تەۋەلىكى دېگەن مەنىسىمۇ، دۆلەتلىك دېگەن مەنىسىمۇ يوق. ھالبۇكى بۇ كىتاپتا تىلغا ئېلىنغان مىللەت سۆزىنىڭ دۆلەتنى كۆرسىتىدىغانلىقى ئېنىق. شۇڭا بۇكىتاپنىڭ نامىنى ئۇيغۇر دۆلىتى دېيىشكىمۇ، ئۇيغۇر مىللىتى دېيىشكىمۇ، ۋەياكى تۈركچە بويىچە ئاتىساق ئۇيغۇر ئولۇسى دېيىشكىمۇ بولار ئىدى. ئەمما كۆنگەن ئاتالغۇ بولغان مىللەت دېگەن سۆز بويىچە ئاتاشنى قارار قىلدۇق.

كىتاپتا ۋەتىمىزنىڭ نامىنى  تارىختا قانداق ئاتالغان بولسا شۇنداق يازغان. 1882-يىلدىن كېيىنكى مەزمۇنلار ھەققىدە توختالغاندا ئاپتۇر شەرقى تۈركىستانغا شىنجاڭ دېگەن سۆزنى ئىشلىتىپتۇ. بىز بۇ سۆزنى دەسلەپتە پۈتۈنلى شەرقى تۈركىستان دەپ ئېلىشنىمۇ ئويلاشقان، ھەم تەرجىمە شۇنداق قىلىغان. قايتا تەھرىرلىگەن م. ئىبراھىم بىلەن كېڭەشسەك، خاتالىق كۆپ چىقىدىكەن. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتنىڭ دۇبەنى شىڭ شىسەي دېيىلگەن جۈملىدە شىنجاڭ دېگەن سۆزنىڭ ئ‍ورنىغا شەرقى تۈركىستان دېسەك ئوقۇرمەنلەرگە خاتا بىر مەنە بېرىپ قويىدىكەن. جۈملىلەرنىڭ ئورانىدىن قارىغاندا كىتاپتىكى شىنجاڭ دېگەن ئاتالغۇلارنى ئۆزگەرتىش كىتاپتىكى مەنەنى قالايمىقان قىلىپ، تارىخنى بۇرمىلاشقا ئېلىپ بارىدىكەن.

كىتاپنى ئوقۇپ ئۆگەنگەن بىلگەنلىرىم ھەقىقەتەن كۆپ، بايقىغان ئىبرەتلىرىممۇ يازسام ئۇزۇن بىر ماقالە چىققۇدەك ئۇزۇن، شۇڭا ئوقۇرمەنلەرنىڭمۇ مەن ئېرىشكەن بىلىشنىڭ ھوزۇرى، تەپەككۇر قىلىشنىڭ شاتلىقىغا ئۆز مەيلىچە، مۇستەقىل ئېرىشسۇن دەپ گېپىمنى مۇشۇ يەردە چېكىتلەي.

ئاخىرىدا بۇ كىتاپنى تەرجىمىگە تەۋسىيە قىلغان ۋە نەشىردىن چىقىشىغا مەدەتكار بولغان ئابدۇجېلىل تۇران ئەپەندىگە، ئۇيغۇر پروجەكت فوندىغا، شۇنداقلا ئېنگىلىزچە نۇسخا بىلەن قۇرمۇ قۇر سېلىشتۇرۇپ چىققان دوستۇم م. ئىبراھىم ئەپەندىگە چىن يۈرەكتىن رەھمەت ئېيتىمەن. ئۇنىڭ تەھرىرلىكى بولمىغان بولسا كىتاپتىكى سەۋەنلىكلەر تۈزەشسىز قالغان، مۈگدەك باسقاندا يېزىلغان خەتلەرنىڭ ئوڭ تەتۈرى ئارىلىشىپ كەتكەن بولاتتى.

 

 

كىتابلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق نەشىر ھوقۇقى باياناتىمىزغا قوشۇلغان بولىسىز.

كىتابغا باھا بېرىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلارنى چوقۇم تولدۇرۇسىز