بۈگۈننىڭ تارىخى (ئابدۇۋەلى ئايۇپ)

كىتاب تەپسىلاتى

كىتاب نامى بۈگۈننىڭ تارىخى (ئابدۇۋەلى ئايۇپ)
ئاپتور/تەرجىمان
كىتاب تىلى ئۇيغۇرچە
نەشرىيات تەكلىماكان ئۇيغۇر نەشىرىياتى
كىتاب تۈرى ماقالىلەر
ۋاقىت 2022/04/02
چۈشۈرۈلۈشى 1,694 قېتىم
باشقۇرغۇچى choghluq
مۇقاۋا كىتاب مۇقاۋىسى ئۈچۈن بۇ يەرنى چىكىڭ



بۈگۈننىڭ تارىخى (ئابدۇۋەلى ئايۇپ)

كىتابنى بۇ يەردىن چۈشۈرۈڭ

ئاپتوردىن ئىلاۋە:

ھەممەيلەنگە رەھمەت ئىشىكلىرى ئېچىلىدىغان  رامىزانلىق كۈنلەرنىڭ تۇنجى كۈنىدىن مۇھەببەتلىك سالام.

قەدىناس دوستلارنى، سۆيۈملۈك ئىنە سىڭىللارنى، مۆھتىرەم ئاكا ھەدىلەرنى رامىزانلىق داستىخاندا كۆرمەك، رامىزاننىڭ بەرىكىتىدىن بىللە بەھىرلەنمەك، ئاللاھقا سەجدە قىلىنىدىغان  قۇتلۇق دەقىقىلەردە بىر سەپتە بولماق، بىللە ئىپتارلاشماق نىسىپ بولمىدى. شۇ ئىمكانسىزلىقلارنى تولدۇرساق دېگەن ئىزگۈ نىيەتتە سىلەرنى كىتاپلىرىم بىلەن مىھمان قىلىشنى، ئىجادىيەتلىرىم ۋە ئەجرىم بىلەن خىزمىتىڭلاردا بولۇشنى ئارزۇ قىلىپ، كەلگۈسىمىز پەرقلىق بولىدۇ ۋە بۈگۈننىڭ تارىخى دېگەن ئىككى كىتابىمنى رامىزانلىق ھەدىيە قىلاي دېدىم. لايىقىدا بولمىسىمۇ قوبۇل كۆرگەيسىزلەر.

مەن 2015-يىلدىن باشلاپ 2017-يىلغىچە ئۆچ قېتىم ئۆزگىرىش مارشى قىلغان ئىدىم. شۇ ئۈچ يىلدا ھەر رامىزاندا ئوقۇرمەنلەرگە كۈنىگە بىردىن ئەسەرنى ھەدىيە قىلغان ئىدىم. نىشانىم مۇبارەك رامىزاندا كىشىلەردە ياخشى خۇلق، مۇھەببەتلىك قەلب ۋە ئۈنۈمدار ئادەت يېتىلدۈرۈش ئىدى. بۇ رامىزاندا شۇنى داۋام قىلىشنى ئويلاشقان بولساممۇ ھەمكارلىشىدىغان سەھنە تاپالماي قالدىم. ئاللاھ خالىسا كېلەر يىلى رامىزاندا ئۆزگىرىش مارشىنى قايتا باشلاپ كەتكەيمىز.

ھۈرمەت بىلەن،
ئابدۇۋەلى ئايۇپ

Rating: 5
كىتابلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق نەشىر ھوقۇقى باياناتىمىزغا قوشۇلغان بولىسىز.

كىتابغا باھا بېرىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ