ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەكرارلىنىشچان ئىنگىلىزچە 5000 سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى




ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىۋاتقانلار ئۈچۈن تەكرارلىنىشچان ئىنگىلىزچە 5000 سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

تەكرارلىشچان 5000 ئىنگىلىزچە سۆزلۈك

كىتابنى بۇ يەرنى بېسىپ چۈشۈرۈڭ

 

ئاپتوردىن سۆز

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . ئىنگىلىز تىلىنى ئازراق ئۆگەنگەن لىكىن داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىت ،تۇرمۇش ،ۋە ياكى باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى ئىنگىز تىلىنى كۈچەيتەلمەيۋاتقان قېرىنداشلىرمىز ئۈچۈن ئەركىن ھالەتتە ،خالىغان جايدا ،تىلفۇن ئارقىلىق ئۈنۈملۈك ئۆگىنىش ئۈچۈن تەكرارلىنىشچان ئىنگىلىزچە 5000 سۆزنىڭ ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى كۆپچىلىك بىلەن ئورتاقلاشماقچى.
بۇ 5000 سۆزنىڭ تاللاش ۋە رەت تەرتىپ ئالاھىدىكى ، قانداق تاللانغانلىقى قاتارلىقلار بۇ چۈشەندۈرۈلگەن بۇلۇپ،ياخشى پايدىلنىش ماتىريالى بۇلالايدۇ

https://www.wordfrequency.info/freeList.asp?s=y (بەلكىم ئۇنىڭدىنمۇ ياخشى پايدىلنىش ماتىريالى بۇلۇشى مۇمكىن)بۇ ماتىريال ئۈچ خىل رەت تەرتىپ بۇلۇپ تەكرارلىنىش قېتىم سانى رەت تەرتىپى،ئېلىپبە رەت تەرتىپى،سۆز تۈركۈمى رەت تەرتىپى بۇيچە بۇلۇپ،مەن تەكرارلىنىش رەت تەرتىپى بويچە تەرجىمە قىلدىم.بۇنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كىيىن باشقا ئىككى خىلنىمۇ تەكرارلىۋەتسە ئېنىق چۈشەنچىگە ئىگە بۇلۇدىكەن.
سىز ئۆزىڭىزنىڭ 24سائەت ۋاقتىدىن چوقۇم ۋاقىت چىقىرىپ خالىغان جايدا (ماشىنىدا ،كارۋاتتا،تازلىق ئۆيىدە ،خىزمەتنىڭ بوش ۋاقتىدا)ھەركۈندە توختىماي مۇشۇ جەدۋەل بۇيچە سۆزلۈك ئۆگىنىڭ(ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنىڭ مۇھىملىقى شۇنىڭ ئۈچۈن سۆزلىكنىڭ مۇھىملىقىنى باشقىلار دىسۇن) .
سۆزلىك ئۆگىنىش ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشنى ياخشى تۇنۇشتۇرغان ۋىديو مۇشۇ بۇيچە ئۆگەنسىڭىز چوقۇم ياخشى ئۆگىنىپ كىتەلەيسىز.
https://youtu.be/vK2TC2VcvdI مەن سىناپ باقتىم مەن كارانتىن بىر ئايدا5000 سۆزلىكنى ئۆگىنىپ بولدۇم،كۈنىگە 300تالدىن ئۆگىنىپ ئۈچ تۆت كۈندە بىر تەكرار قىلىپ بەردىم ،يەنە ئىككى ئاي ۋاقىت (كۈندە ئون سائەتتىن ئارتۇق)سەرىپ قىلىپ بۇنى جەدۋەللەشتۈرۈپ كومپىيۇتىرغا كىرگۈزىپ چىقتىم ، تەرجىمە توغرا بۇلىشى ئۈچۈن «ئېرپان ئىنگىلىزچە ئۇيغۇرچە لوغەت» ۋە گوگۇل تەرجىمانىنىڭ ياپۇنچە ئىنگىلىزچەنۇسخىسى،خىتايچە ئىنگىلىزچە نۇسخىسى،ئۆزبىكچە ئىنگىلىزچە نۇسخىسىدىن پايدىلاندىم ،جۈملە شەكلى ۋە ئىشىلتىش ئورنىنى ئۆگىنىش ئۈچۈن لوڭمەن لوغىتىدىن پايدىلاندىم ، https://www.ldoceonline.com/ سۆزلەرنى ئۆگەنگەن ۋاقىتتابۇنىمۇ تەڭ ئىشىلتىشنى تەۋىسسيە قىلمەن.بۇنىڭدا جۈملە شەكلى ،ئىشلىتىش ئورنىدىن باشقا ئوقۇلىشى ،ئۇرغۇ چۈشۈرۈش بوغۇمى،سۆز ئائىلىسى ۋە قوشما سۆز شەكلى بىللە چۈشەندۈرۈلگەن . ئەلۋەتتە گوگىل ئۇيغۇرچە تەرجىمانىنىمۇ ئىشلەتكەچ ،يوق خەتلەرنى كىرگۈزۈپ ماڭدىم باشقا دوسلارنىڭمۇ كىرگۈزىشىنى ئۈمىد قىلىمەن،چۈنكى ئوخشاش تەرجىمە ئوندىن ئارتۇق ئادەم كىرگۈزگەندە ئاندىن ئۇلار ئىشەنچىلىك دەپ ئاندىن ئۇنى ئىشىلتىشكە چىقىردىكەن ،باشقا تەرجىمە تىللىرغا قارىساق نۇرغۇن بىر سۆزنىڭ نۇرغۇن مەنالىرى چىقىرىلغان ،ھەممەيلەننىڭ تەڭ كۈچ چىقىرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
تىل ئۆگىنىشتە ئاڭلاش ،سۆزلەش،گىراماتىكا،ئوقۇش يېزىش قاتارلىق تۈرلەر بىرلەشتۈرۈلگەن بۇلۇپ ئۇزۇنراق ۋاقىت چىقىرالايدىغانلارغا قاسىمجان مۇئەللىمنىڭ،كىنودىن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنەيلى ۋە ئەركىن ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىش يۇۋتۇب قانىلىغا ئەزا بۇلۇپ ئۇخلاۋاتقاندىمۇ ئۆگىنىشىڭىزلەرنى تەۋىسىيە قىلىمەن،يۇۋتۇبدا نۇرغۇنلىغان تىللارنىڭ ئىنگىلىزچە سۆز ئۆگىنىش ۋىدىيولىرى بۇلۇپ سىز ياخشى بىلىدىغان چەتئەل تىلى بىلەن ئۇخلىغان ۋاقىتتا ئۆگەنسىڭىز ،چوقۇم ياخشى ئۈنىمىنى كۆرەلەيسىز،
https://youtu.be/QT_tCa3KEEA ئىنشائاللا بىزمۇ ئۇيغۇرچە ئىنگىلىچە سۆزلۈكلەرنى يۇتۇبقا يوللايمىز ,بۇ جەھەتتە بىزنىڭ بەك ئازكەن ياكى يوقكەن.(ياردەمچى بولالايدىغانلا ئۇچۇر قىلىڭ)ئۆگىنىپ بۇلۇپ ئىنگىلىزچە سۆزلەپ تىلفۇنىڭىزغا ئاۋازىڭىزنى ئېلىپ تەلەپپۇزىڭىزنى توغۇرلىشىڭىزنىمۇ تەۋىسسيە قىلىمەن.
ئەلۋەتتە مەن بىر ئالىي مەكتەپنىڭ ئاكادىمىك ئىنگىلىز تىلىدا ،35ياشتىن ئاشقاندا ،ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىشنى باشلىغىلى ئەمدى بىر يىل بولغان ئوقۇغۇچى( بىر يىل بۇرۇن يېڭى كەلگەن ۋاقىتتا تىلۋىزوردىن كىنو كۆرۈپ ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن ،دەپ ئىككى ئاي تىلۋىزور كۆرۈپ ھېچنىمىنى چۈشەنمەي،«ئامىركا ئىنگىلىز تىلى »نىمانداق تەستۇ دەپ ئىككى ئايدىن كىيىن مەكتەپكە ئىنگىلىز تىلى ئۆگەن گىلى بېرىپ ئۆزەمنىڭ ئىككى ئاي ئامىركا ئىنگىلىز تىلى ئۆگىنىمەن دەپ ئىسپانچە كىنو كۆرۈپ يۈرگەنلىكىمنى بىلگەن ?ئىنگىلىز تىلى سەۋىيەم تۈۋەن)بۇلۇش سۈپىم بىلەن خاتالىقلار كۆپ بۇلىشى مۇمكىن،مەن پەقەت ئۆزەم ئۆگىنىشىم ئۈچۈن ۋە ئەتراپتىكىلى توغرا كەلگەنلەرنىڭ پايدىلنىشى ئۈچۈن لوغەتلەردىن رەتلەپ يېزىپ قويدۇم .بۇنى ئاكادىمىك دەرىجىگە كۈتۈرۈپ تەنقىد قىلماسلىقىڭلارنى ئۈمىد قىلمەن.
ئۇيغۇر تىلىدىكى مەنىداش سۆزلەر كۆپ بولغاچ ھەم ئىنگىلىز تىلىنىڭمۇ شەكىلداش سۆز ۋە كۆچمە مەنىلىرى كۆپ بولغاچ بىر تال سۆزنىڭ ھەرخىل ئوخشىمىغان مەنىلىرى يېزىلدى،ئالدىغا سۆز تۈركۈمىنىڭ ئالدىنقى قىسقارتىلما ھەرىپى يېزىلغان بۇلۇپ بەزى ئىنگىزتىلى سۆزلىرنىڭ ھەرخىل مەنىلىرى ياكى ھەر خىل سۆز تۈركۈمگە تەۋە ھالەتلىرى بولغاچقا تەكرارلىنىش ھالەتلىرى مەۋجۇت، ئەڭ قولىنىشچان مەناسىنى ئۆگىنىشىڭلارنى تەۋىسيە قىلمەن.
ئۆگەنگۈچىلەر جەدۋەلنى ئامال بار كۆپەيتىپ چىقىرۋېلىڭ ياكى تىلفۇنىڭىزغا ساقلىۋېلىڭ ، ئىلكىتاپ تورىغىمۇ يوللاپ قۇيۇلىدۇ ، ئەتراپتىكى دوسلىرىڭىزغىمۇ تارقىتىپ قۇيارسىز

https://docs.google.com/…/1d02xwpPE__8D4a_Hd-HSNj74Qy…/edit…

Rating: 5
كىتابلارنى چۈشۈرۈش ئارقىلىق نەشىر ھوقۇقى باياناتىمىزغا قوشۇلغان بولىسىز.

2 ئىنكاس

    خەيرىنىسا ياسىن says: سېنتەبىر 23, 2021
    Gulpiya Hakim says: فېۋرال 21, 2023

كىتابغا باھا بېرىڭ

ئېلېكتىرونلۇق خەت ئادرېسىڭىز ئاشكارىلانمايدۇ. * بەلگىسى بارلار چوقۇم تولدۇرۇلىدۇ